تاشمىلىق يېزىسى
تاشمىلىق يېزىسى
塔什米里克乡. Tashmiliq town | |
![]() | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | يېزا |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
ناھىيە | كونا شەھەر ناھىيىسى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 15 دانە |
نوپۇس | 28 مىڭ |
يەر مەيدانى | 333.14 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |
تاشمىلىق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 38.4 كىلومېتىر، شەرقىي تەرىپى ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇب تەرىپى ئاقتۇ ناھىيەسى ئۇيتاغ بازىرى بىلەن، غەربتە گەز دەرياسى، شىمالدا تېرىم يېزىسى بىلەن قوشنا.
مەمۇرىي كەنتلەر
پۈتۈن تاشمىلىق يېزىسىغا قاراشلىق 15 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، يەنى :
- ئاياغ تېتىر كەنتى (阿亚克铁提尔村)
- ئاياغ سېرىقئاتا كەنتى (阿亚克色日克阿塔村)
- ئاياغ ھاسائېرىق كەنتى (阿亚克阿萨艾日克村)
- ئەسكە كەنتى (艾斯开村)
- تاشئېرىق كەنتى (塔什艾日克村)
- خالتا كوچا كەنتى (哈勒塔阔恰村)
- رازگا كەنتى(热孜喀村)
- ساغان كەنتى (萨干村)
- غىلدىرلاڭ كەنتى (格勒迪尔郎村)
- قاشبېشى كەنتى (喀什贝希村)
- قاشتۈۋى كەنتى (喀什吐维村)
- قەشقەر يايىلغان كەنتى (喀什噶尔也勒干村)
- يۇقارقى تېتىر كەنتى (尤喀克铁提尔村)
- يۇقارقى سېرىقئاتا كەنتى (尤喀克色日克阿塔村)
- يۇقارقى ھاسائېرىق كەنتى (尤喀克阿萨艾日克村)؛
بىر تەرەققىيات رايونى 136 كىچىك كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.
ئىقتىسادى
تاشمىلىق يېزىسى ئاشلىق، پاختا، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق 4 چوڭ كەسىپ ئاساس قىلىنىدۇ، ئالاھىدە كەسپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قوشۇمچە ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتقا ئىگە بولغاچقا كۈن نۇرى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، مېۋە-چېۋە ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئۆسۈش شارائىتى بىلەن تەمىنلىگەن. تاشمىلىق يېزىسىدىن چىقىدىغان مېۋە تەمى ناھايىتى مەززىلىك بولۇپمۇ «مۇياق ئۆرۈك» نى، «ئۆرۈك شاھى» دېيىشكە بولىدۇ. گۆشى قېلىن، شۆپىكى نېپىز، سۇلۇق، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەمى يېڭىچە ھەم تەملىك ئۆرۈكلەرنىڭ سەرخىلى. ئۆرۈك قېقى ئۆرۈكنى ئاپتاپتا قۇرۇتقاندىن كېيىن ياسىلىدۇ، مېڭىنى روھلاندۇرۇش، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش رولى بار. نۆۋەتتە يېزا بويىچە جەمئىي كۆلىمى 34 مىڭ مو، 520000 تۈپ ئۈرۈك، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 10 مىڭ توننىغا يېتىدۇ، كۆپىنچىسى ئۈرۈمچى، سانجى، كورلا ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ سېتىلىدۇ.
يېزا ئىگىلىكى
تاشمىلىق يېزىسىدا تېرىلغۇ يەر ئاز، نوپۇس كۆپ، مول ئوشۇق بولغان ئەمگەك كۈچلىرىدىن تاشمىلىق يېزىسى ھازىر ۋاسىتىچى تەشكىلات قۇرۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشى ھەر يىلى نۇرغۇن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يەتكۈزۈش خادىملارنى تەشكىللەپ سىرىتقا چىقىرىپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ بىلىم ئېلىشقا تۆھپە قوشۇپ ئەمگەك كۈچىنى ياخشىلاپ، شۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى. تاشمىلىق يېزىسى كان بايلىقلىرى مول، تۇز كانى، گەج كېنى قاتارلىق مىنېرال ماددىلار كېنى بۇلۇپ، مەھسۇلات نۇقتىسى، باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان قېزىش كېنى.